ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
ماركىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىشكە بېرىش ھەققىدە ساۋاتلار
«تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 43 – ماددىسىدا : تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىش توختامى تۈزۈش ئارقىلىق، ئۆزى رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بەرسە بولىدۇ،دەپ بەلگىلەنگەن.يەنى تاۋار ماركىسى ئىجازىتى، تاۋار ماركىسى ھوقۇقى بېرىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئەلۋەتتە، بۇ خىل تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىش بەلگىلىك شەرتلىك ئىشلىتىش بولۇپ، ئىجازەت بەرگۈچى ئىجازەت بېرىلگۈچىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكەن تاۋارنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىشى كېرەك. ئىجازەت بېرىلگۈچى رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىلگەن بولسا، رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋارغا ئىجازەت بېرىلگۈچىنىڭ نامى ۋە تاۋار ئىشلەنگەن جاي ئېنىق يېزىلىشى شەرت.
تاۋار ماركىسى ئىجازىتى تۈرى مۇستەقىل ئىجازەت، يەكلىمىلىك ئىجازەت، ئادەتتىكى ئىجازەت قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ؛ مۇستەقىل ئىجازەت ئىجازەت بېرىلگۈچىنىڭ ئالاھىدە بەلگىلەنگەن رايون ۋە مۆھلەت ئىچىدە تاۋار ماركىسىنى مۇستەقىل ئىشلىتىش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ، تاۋار ماركىسى ھوقۇقى ئىگىسى ئۆزىمۇ بۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتسە بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ بۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بەرسىمۇ بولمايدۇ. يەكلىمىلىك ئىجازەت بولسا، تاۋار ماركىسى ھوقۇق ئىگىسىدىن باشقا، ئىجازەت بېرىلگۈچى شۇ تاۋار ماركىسىنى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن رايون ۋە مۆھلەت ئىچىدە ئىشلىتىشكە بولىدىغان بىردىنبىر سۇبيېكت بولۇپ، بۇ تاۋار ماركىسىنى ئۈچىنچى كىشىگە ئىشلىتىشكە قايتا ھوقۇق بېرىشكە بولمايدۇ. ئادەتتىكى ئىجازەت بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، ئىجازەت بېرىلگۈچى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن رايون ۋە مۇددەت ئىچىدە تاۋار ماركىسىنى ئۆزى ئىشلەتسە بولىدۇ، باشقا ھەرقانداق كۆپ ئادەمنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بەرسىمۇ بولىدۇ، ئىجازەت بېرىلگۈچى سانىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، «تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 43-ماددىسىدا يەنە باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىشتە، ئىجازەت بەرگۈچى ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىجازىتىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئېلان قىلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.
ئىجازەت بېرىلگۈچىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ تاۋار ماركىسى ئىجازىتىنى ئەنگە ئالدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى نامايان قىلىدۇ؛ تاۋار ماركىسى ئىجازىتى تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ ئەنگە ئېلىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىجازەت بېرىش توختامىدىن باشقا ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىسپاتىغا ئىگە بولىدۇ؛ ئەگەر بۇ تاۋار ماركىسىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا كەسىپلەر بىلەن بۇ ئەنگە ئالدۇرۇش ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كۆرۈلسە، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئالدى بىلەن ماقۇللاشقا ئامالسىز قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاۋار ماركىسى ھوقۇق تەۋەلىكىدە قانچىلىك ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھوقۇق بېرىلگۈچىنىڭ مەنپەئىتىنى ئەڭ زور چەكتە قوغدايدۇ.
ئەلۋەتتە، تاۋار ماركىسى ئىجازىتى ئەنگە ئېلىنغاندىن كېيىن يەنە باشقا پايدىلىق تەرەپلىرى بار، مەسىلەن، يەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ خاتا تەكشۈرۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىش ئەھۋالىنى باشقۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىپ، بۇنىڭدىن مەسىلە بايقالسا ۋاقتىدا تۈزىتىپ، ئالاقىدار ئىككى تەرەپنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش؛ تاۋار ماركىسىنى ئەنگە ئېلىشقا ئىجازەت بېرىش «تاۋار ماركىسى ئېلانى» ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ تاۋار تاللاپ سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىلىدۇ. تاۋار ماركىسى ئىجازىتىنى ئەنگە ئالدۇرۇشمۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشتىكى بىر خىل ئۇسۇل بولۇپ، ئۈچ يىلغىچە ئىشلىتىلمىگەن تاۋار ماركىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتا تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىسپات ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەشنىڭ كۈچلۈك ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ.
تاۋار ماركىسى ئىجازىتى تاۋار ماركىسى ھوقۇق ئىگىسىنىڭ داڭلىق ماركىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە ھوقۇق بېرىلگۈچى تەرەپكە داڭلىق ماركا ئېففېكتى ۋە بازارنى ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى ئېلىپ كېلىدۇ، ئۈنۈملۈك ھوقۇق بېرىپ باشقۇرۇش ماركىنىڭ بىردەكلىكى ۋە سۈپەت ئۆلچىمىنى قوغداشقا، يوشۇرۇن قانۇن ماجىرالىرىدىن ساقلىنىشقا، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. تاۋار ماركىسى ئىجازىتى ئەنگە ئېلىنغاندىن كېيىن، تاۋار ماركىسى ھوقۇقى ئىگىسى بىلەن ھوقۇق بېرىلگۈچى ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىنى ئۈنۈملۈك قوغدايدۇ، بۇ ھازىرقى يۈكسەك رىقابەتكە تولغان سودا مۇھىتىدا، كارخانىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش