ئۈچ يىلغىچە ئىشلەتمىگەن ماركىنى بىكار قىلىشقا ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى

ئۈچ يىلغىچە ئىشلەتمىگەن ماركىنى بىكار قىلىشقا ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:
1- ئىلتىماس تاپشۇرۇش: ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخس ئەگەر مەلۇم بىر رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۇدا ئۈچ يىل ئىچىدە ئەمەلىي ئىشلەتمىگەن دەپ قارىسا،   دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە «ئۈچ يىلغىچە ئىشلىتىلمىگەن رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىش ئىلتىماسى» نى تاپشۇرسا ھەمدە بۇ تاۋار ماركىسىنىڭ «ئىشلىتىلمەسلىك ئەھۋالى» نى يازما چۈشەندۈرسە بولىدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئىلتىماس پەقەت رويخەتكە ئالدۇرغان ۋاقتى ئۈچ يىلدىن ئاشقان تاۋار ماركىسىغا قارىتا ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، ئەگەر تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئالدۇرۇشتىن ئىلگىرى باشقىچە پىكىر ياكى باشقىچە پىكىرنى قايتا قاراپ چىقىشقا ئۇچرىغان بولسا، «ئۈچ يىلغا توشقان» نى باشقىچە پىكىر كېسىمى ياكى باشقىچە پىكىرنى قايتا قاراپ چىقىش كېسىمى كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلاش كېرەك.

 
 
2. قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى: تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىلتىماس ماتېرىيالىنى شەكىل جەھەتتىن تەكشۈرىدۇ، ئەگەر تەلەپكە ئۇيغۇن بولسا قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىغا «رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تارقىتىدۇ.
3. رويخەتكە ئالدۇرغۇچى دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش: تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى ئىككى ئاي ئىچىدە تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىسپاتىنى تاپشۇرۇپ، ئۆتكەن ئۈچ يىل ئىچىدە بۇ تاۋار ماركىسىنىڭ ئىشلىتىش بېكىتىلگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتتە ئەمەلىي ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىسپاتلىشى كېرەك. دەلىل - ئىسپات ماتېرىياللىرى تۆۋەندىكى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك:
دەلىل ـ ئىسپات ماتېرىيالىدا ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ بەلگىسى بولۇشى كېرەك، بولمىسا ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ؛ ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكۈچىنى كۆرسىتىپ بېرىش كېرەك؛ شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش بېكىتىلگەن تاۋارغا ئىشلەتكەن بولۇشى شەرت؛ بەلگىلەنگەن ئۈچ يىل ئىچىدە ئىشلىتىلەەن بولۇشى شەرت، يەنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ يىل ئالدىغا سۈرۈلىدۇ؛ ئەڭ ياخشىسى ئەسلى نۇسخىسى ياكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكەن كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى بولۇشى لازىم.

 
 
4. قاراپ چىقىپ ھۆكۈم قىلىش: تاۋار ماركىسى ئىدارىسى دەلىل - ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ تاپشۇرغان ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈپ ۋە پاكىتنى بېكىتىپ، تاۋار ماركىسىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلىي ئىشلەتكەن - ئىشلەتمىگەنلىكىگە باھا بېرىدۇ.
 5. قارار چىقىرىش :  قاراپ چىقىش نەتىجىسىگە ئاساسەن، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تاۋار ماركىسىنى ھەقىقەتەن بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىشلەتمىگەن دەپ قارىسا، شۇ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى بىكار قىلىدۇ ھەمدە «تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى بىكار قىلىش قارارى» نى تارقىتىدۇ؛ ئەگەر تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن دەپ قارىسا، بىكار قىلىش ئىلتىماسىنى رەت قىلىپ، «تاۋار ماركىسى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولۇش قارارى» نى تارقىتىدۇ.

 
 
6. قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسى: تاۋار ماركىسى ئىدارىسى چىقارغان بىكار قىلىش قارارى ياكى كۈچكە ئىگە قىلىش قارارىغا رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ۋە بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىغا «بىكار قىلىشنى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسى» سۇنسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قارارىغا قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.
 
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
 

 

ھەمبەھىرلەش