باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسى ياكى ئورالمىسىنى دوراپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش قىلمىشىغا قانداق جازا بېرىلىدۇ؟

يۈننەن بەيياۋ چىش پاستىسى يۈننەن بەيياۋ گۇرۇھىنىڭ كۇزىر مەھسۇلاتى، تونۇلۇش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بازاردىمۇ بەزى ناتوغرا رىقابەت قىلمىشلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى.  يۈننەن نوت جىنشەن ئېغىز بوشلۇقى پەرۋىش بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى 2017 - يىلى قۇرۇلغاندىن باشلاپ يۈننەن سەن چى   يۈرۈشلۈك چىش پاستىسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان، يۈننەن بەيياۋ يۈننەن سەنچى  چىش پاستىسىنىڭ سىرتقى ئورالما قاپ لايىھەسى، يېزىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ، رەڭ ئۇسلۇبى قاتارلىق جەھەتلەردە  يۈننەن بەيياۋ چىش پاستىسىغا ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقاپ، يۈننەن نوت جىنشەن ئېغىز بوشلۇقى پەرۋىش بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغان.
سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇنداق دەپ قارىغان:يوقارقى ئىككىلىسى چىش پاستىسى مەھسۇلاتى،  سىرتقى ئورالمىسى بەكلا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئالاقىدار ئاممىنىڭ ئارىلاشتۇرۇپ خاتا تونۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، جاۋابكارنىڭ قىلمىشى ناتوغرا رىقابەت شەكىللەندۈرىدۇ.
    شۇنىڭ بىلەن سوت مەھكىمىسى جاۋابكار يۈننەن نوت جىنشەن ئېغىز بوشلۇقى پەرۋىش بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنى يۈننەن بەيياۋ چىش پاستىسى بىلەن ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان چىش پاستىسىنىى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى دەرھال توختىتىش، جاۋابكار دەۋاگەرگە ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلىشنى توسۇش ئۈچۈن چىقىم قىلغان خىراجەت ئۈچۈن جەمئىي 54 مىڭ يۈئەن تۆلەم بېرىشكە ھۆكۈم قىلغان.
 
   تىجارەتچىلەر خېرىدارلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن داڭلىق  ماركىلارنى سۈيئىستىمال قىلىپ، ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ھوقۇق بېرىشىدىن ئۆتمىگەن ئەھۋالدا، باشقىلار رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش، باشقىلارنىڭ بازارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئورالمىسىنى دوراپ ئوخشاش مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سېلىشتەك قىلمىشلار ناتوغرا رىقابەت شەكىللەندۈرىدىغان بولۇپ، ئۇ يەنە باشقىلارنىڭ ئورالما قاپ لايىھە ئەسەر ھوقۇقى ياكى سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسى پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى قىلغانلىق. بۇنداق قىلمىشلار تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ھامان قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ.
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
 

 

ھەمبەھىرلەش