ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
دۇنيادىكى ئۆمرى ئۇزۇن ماركىلارنى بىلەمسىز؟
ھەممىگە ئايانكى پۈتكۈل ماركا تەرەققىياتىدا نۇرغۇن كىلاسسىك مۇنەۋۋەر ماركىلار مەيدانغا كەلگەن ،بۇ كىلاسسىك ھەم مەڭگۈلۈك logo كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.
ئەمەلىيەتتە ،كارخانا logo سىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرى بار . قانداق قىلغاندا ئىشلىتىش ۋاقتىنى تېخىمۇ ئۇزۇن ئۇزارتقىلى بولىدۇ؟بۇ نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مەسىلە. تۆۋەندە بىرلىكتە دۇنيادىكى ئۆمرى ئۇزۇن بولغان داڭلىق ماركا بەلگىلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
10- مىچ 96 ياش
مىچ ئوبرازى 1928 - يىلى ئېكرانغا چىققان بولۇپ ،گەرچە رەسمىي سودا logoسى بولمىسىمۇ ،لېكىن دېسنىي ماركىسىنىڭ يادرولۇق قىممىتى ۋە روھى بولۇپ،96 يىلنى باشتىن كەچۈرگەن.
ئۇ نۇرغۇن چەك - چېگرالاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، دۇنيادىكى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەن بولۇپ، دېسنىي شىركىتىنىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مۈلكى ھېسابلىنىدۇ. كارتون، ئاساسىي تېما باغچىسى ۋە ئەتراپتىكى مەھسۇلاتلار قاتارلىق ساھەلەردىكى تەسىر كۈچى زور، ئۇنىڭ ئۈمىدۋار، باتۇر ۋە ئاق كۆڭۈل پەزىلىتى تاماشىبىنلارنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، شۇنداقلا دېسنىي ماركا مەدەنىيىتىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىدۇ.
9- بوئىن 108 ياش
بوئىن شىركىتى لوگوسى 108يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ،ئاۋىئاتسىيە،ئالەم قاتنىشى ساھەسىدە ئىناۋىتى ئىنتايىن يۇقىرى. بوئىن شىركىتى بۇ ساھەنىڭ سودا ئايروپىلانى ياساشتىن ھەربىي ئاۋىياتسىيە، سۈنىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ۋە ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردىكى شانلىق نەتىجىلىرىگە گۇۋاھچى بولغان. ئۇنىڭ ئايروپىلانلىرى پۈتۈن دۇنيادىكى ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىگە تارقالغان بولۇپ، ئىلغار تېخنىكا، ئىشەنچلىك ئىقتىدار ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتى ئۇنى كەسىپ باشلامچىسىغا ئايلاندۇرغان ،ئۇنىڭ logoسى شىركەتنىڭ چوڭقۇر ئاساسى ۋە كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئاسمانغا بولغان ئىزدىنىش ۋە بويسۇندۇرۇش روھىغا سىمۋول قىلىنغان.
8- ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بەش ھالقىلىق گېربى 111 ياش
ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بەش ھالقىلىق گېربىنى 1913 - يىلى كوبېرتىن لايىھەلىگەن بولۇپ،111 يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. بەش ھالقا ئۆزئارا كىرىشتۈرۈپ ئۇلانغان ئولىمپىك ھالقىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، رەڭگى ئايرىم - ئايرىم ھالدا كۆك، سېرىق، قارا، يېشىل، قىزىل، ئارقا كۆرۈنۈشى ئاق بولۇپ، بەش قىتئەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئادىل، دوستانە جەم بولۇشىغا سىمۋول قىلىنغان،
1920-يىلى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئولىمپىك ھەرىكىتىنىڭ يادرولۇق بەلگىسىگە ئايلىنىپ، دۆلەت چېگرىسى، ئىرق ۋە مەدەنىيەت پەرقىدىن ھالقىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن، ئۇ تىنچلىق، دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ سىمۋولى.
7- ئاۋدى 115 ياش
1909 - يىلى 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ،ئۇنى ئاۋگۇست خوش ( August Horch ) قۇرغان. ئاۋدىنىڭ بارلىققا كېلىشى خوشى شىركىتى ( Horch ) نىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.بۇ ئاۋدى ماركىسىنىڭ ئاساسىدۇر.
ئاۋدىنىڭ تۆت ھالقىلىق logo سى 96يىللىق تارىخقا ئىگە ، ئۇ ئاۋدى بىلەن Aui، DKW، Horch ۋە Wanderer قاتارلىق قۇرغۇچى تۆت شىركەتنىڭ بىرلىشىشىدىن بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ماركىنىڭ ھەمكارلىق ئىتتىپاقلىق روھىنى نامايان قىلىغان. ئاۋدى گېرمانىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىل ياساش سودىگىرىدىن تەرەققىي قىلىپ دۇنيادىكى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ماركىسىغا ئايلاندى، ئۇ كامالەتكە يەتكەن ھۈنەر - سەنئەت، ئىلغار پەن - تېخنىكا سەپلىمىسى ۋە ئالاھىدە ئىقتىدارى بىلەن داڭلىق، تۆت ھالقا بەلگىسىمۇ يۇقىرى سۈپەت ۋە پەن - تېخنىكا سېھرىي كۈچىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالدى.
6- ئەنگلىيە نېفىتى 116 ياش
ئەنگلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ logo سى 116يىللىق تارىخقا ئىگە. ئۇ 1908 - يىلى ۋىليام نوكس داشى قۇرغان ئەنگلىيە - پولشا نېفىت شىركىتىدىن باشلانغان بولۇپ،1909 - يىلى لوندوندا رويخەتكە ئالدۇرۇپ قۇرۇلغان.
يەر شارى نېفىت ۋە نېفىت خىمىيە كەسپىدە ئەنگلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ ئورنى مۇھىم. ئۇنىڭ Logo سى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە ئۆزگىچە لايىھەلەنگەن ھەم تونۇلۇش دەرىجىسى يۇقىرى بولغان. ئۇ شىركەتنىڭ نېفىت چارلاش، قېزىش، چەككىلەش ۋە سېتىش قاتارلىق ھالقىلاردىكى تەرەققىياتىغا شاھىد بولغان. يەر شارى ئېنېرگىيە بازىرىدىكى مۇرەككەپ مۇھىتتا، ئەنگلىيە نېفىت شىركىتى كۈچلۈك تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ۋە مول بايلىق زاپىسىغا تايىنىپ، كەسىپ ساھەسىنى كېڭەيتىپ، يەر شارى ئىقتىسادىنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىدى. بۇ logo ئېنېرگىيە ساھەسىنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولۇپ ،شىركەتنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى كەسپى ۋە نوپۇزىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ ،ئۇنىڭ يەر شارى ئېنېرگىيە بازىرىدىكى تەسىر كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
5- پېپسى كولا 119 ياش
پېپسى كولا ماركىسى 119 يىللىق تارىخقا ئىگە ،ئۇنىڭ logoسى تەرەققىيات جەريانىدا ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرغان. ئەنئەنىدىن مودىغا ئۆتۈش، باشتىن - ئاخىر ياش، ھاياتىي كۈچ ۋە مودىغا ئىنتىلگەن. تەنتەربىيە مۇسابىقىسى، مۇزىكا، كۆڭۈل ئېچىش ھەمكارلىقى ئارقىلىق، داڭلىق ماركا مەدەنىيىتى بىلەن مودا مەدەنىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ، چولپانلار ۋەكىلى ۋە ئىجادىي سېتىش ئارقىلىق ياش ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلىپ، ئىچىملىك بازىرىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن.
4- ھەممىباب ئېلېكتىرۇنى 126 ياش
ئۇنى ئەڭ بۇرۇن 1898 - يىلىدىكى ئىمزا ئۇسلۇبى GE ھەرپى بىرىكمىسىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ ،126 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ ،پۈتۈن دۇنيادىكى خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسىنىڭ سىمۋولى. ئۇ ھەممىباب ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئېلېكتىر، ئاۋىياتسىيە، داۋالاش قاتارلىق كۆپ ساھەلەردىكى چوڭقۇر جۇغلانمىسى ۋە ئاجايىپ تۆھپىسىگە شاھىد بولغان. ئېلېكتىر ساھەسىدە ئېلېكتىر چىرىغى يورۇتۇشنىڭ باشلامچىسى، ئاۋىياتسىيە موتورى ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ساھەسىدىمۇ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى ،بۇ logo داڭلىق ماركىنىڭ نوپۇزى ۋە كەسىپچانلىقىنى نامايان قىلىپ، كارخانىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم تەرەققىياتى، يېڭىلىق يارىتىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىشى ۋە سۈپەت ئىناۋىتىدە چىڭ تۇرۇشىنى نامايان قىلغان.
3- بېنىز ئاپتوموبىلى 131 ياش
بېنىز ئاپتوموبىلىنىڭ logo سى 1893 - يىلىدىن ھازىرغىچە 131 يىل بولغان. دەسلەپكى ئۈچ ئاچا يۇلتۇزدىن ھازىرقى زامان تۇيغۇسىغا سىڭىپ كەتكەن لايىھەگە داڭلىق ماركا شان - شەرىپى ۋە ئەنئەنىسى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئاپتوموبىل تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ئىستىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بېنىز ھەشەمەتچىلىك، كامالەتكە يەتكەن ھۈنەر - سەنئەت ۋە ئالاھىدە ئىقتىدارى بىلەن داڭلىق، ئۈچ ئاچا يۇلتۇز گېربى بەلگىسى ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، كەسىپ تەرەققىيات ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئاپتوموبىل ماركىسىغا بولغان مۇھىم بىلىش بەلگىسىگە ئايلانغان.
2- كوكاكولا شىركىتىlogo سى 132ياش
كوكاكولا شىركىتى logo سى 1892- يىلى لايىھەلەنگەن بولۇپ،132 يىللىق تارىخقا ئىگە. لايىھەنىڭ ئىنچىكە نۇقتىلىرى تەڭشەلگەن بولسىمۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان.1900 يىللىق logoنۇسخىسى ئاساس قىلىنغان، ئىنگلىزچە logo نۇسخىسى ئىخچام ۋە راۋان بولۇپ، خەنزۇچە نۇسخىسىغا جۇڭگونىڭ ئەنەنىۋى مەدەنىيەت ئامىلى يۇغۇرۇلغان، مەدەنىيەت ھالقىغان تارقىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان. كوكا كولا كلاسسىك logo سى ئارقىلىق يەر شارى ئىچىملىك ساھەسىدىكى ئورنى كۆرۈنەرلىك بولۇپ ،يەر شارى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت بەلگىسى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالدى ،ئېلان ۋە كۆپ مەنبەلىك بازار ئارقىلىق خۇشاللىق ۋە تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان داڭلىق ماركا مەدەنىيىتىنى كېڭەيتتى.
1- تەيجى logo سى ھازىرغىچە 6000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە
تەيجى logoسى جۇڭگونىڭ ئەنەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر تۇپرىقىدىن كەلگەن، ئارخېئولوگىيىلىك تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ تارىخىنى ئاز دېگەندىمۇ 6000 يىل ئىلگىرى سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، ئۇنى خۇئاشيا مەدەنىيىتىنىڭ مىڭ يىللىق بەلگىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ بىر - بىرىنى ئوراپ تۇرىدىغان، باش - ئايىغى بىر - بىرىنى چىشلەيدىغان بېلىق شەكىللىك بەلگىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشى ۋە ئىناق بىرلىككە كېلىشىدىن ئىبارەت چوڭقۇر پەلسەپىۋى ئىدىيەنى مۇكەممەل شەرھلەپ بەرگەن، ئۇنىڭغا جۇڭگونىڭ مول ھەم چوڭقۇر ئەنئەنىۋى پەلسەپىۋى ئەقىل - پاراسىتى ۋە مەدەنىيەت مەزمۇنى يوشۇرۇنغان. تەيجى خەرىتىسىدە، قارا رەڭلىك قىسمى چوڭقۇر ۋە قاراڭغۇ بولۇپ، مەنپىيلىككە ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ ئاق رەڭلىك قىسمى سۈتتەك يورۇق بولۇپ، مۇسبەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئىككىسى زىچ چىشلىشىپ، بىر - بىرىگە بېقىنىپ، بىر - بىرىگە سىڭىشىپ، ئۆزئارا ئۆزگىرىپ، ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇداتلار ئەمەل قىلىدىغان قارىمۇقارشىلىقنىڭ بىرلىكى قانۇنىيىتىگە جانلىق سىمۋول قىلىنغان. جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ دۇنيا سەھنىسىگە يۈزلىنىشىدىكى مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، دۇنياغا جۇڭگو ئەنەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنى ۋە چەكسىز سېھرى كۈچىنى تېخىمۇ بىۋاستە، ئومۇميۈزلۈك ھېس قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ۋە چەتەلنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا ئاكتىپ ۋە ئۆزگىچە كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇردى.
بۇ كىلاسسىك ماركا بەلگىلىرى يىللار داۋامىدا چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇردى، ئۇلار ماركا تەرەققىياتىغا شاھىد بولۇپ، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنىڭ تونۇشى ۋە ھېسسىياتىغا تەسىر كۆرسەتتى، ئۇ سودا ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا كېيىنكىلەرنى قىممەتلىك ئۆرنەك ۋە ئىلھام بىلەن تەمىنلىدى.
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش