تاۋار ماركىڭىزنى باشقىلار نەشىر ھوقۇقىغا ئالدىن تىزىمغا ئالدۇرىۋالسا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟

بازار رىقابىتىدە، تاۋار ماركىسى مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ماركىنىڭ قىممىتى ۋە شۆھرىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن، بەزىدە ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ، يەنى تاۋار ماركىسىنىڭ نەشر ھوقۇقىنى باشقىلار ئالدىن تىزىملىتىدۇ. بۇ كارخانىغا قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە بىر قاتار قانۇن ماجرالىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، بىز بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟
 
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى» دا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا باشقىلارنىڭ ھازىرقى ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ، باشقىلار ئىشلەتكەن ھەم مەلۇم تەسىرى بولغان تاۋار ماركىسىنى ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ئاۋۋال رويخەتكە ئالدۇرۇۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. بۇ، ئەگەر سىزنىڭ تاۋار ماركىڭىزنىڭ نەشر ھوقۇقىنى باشقىلار ئالدىن تىزىملىسا، سىزنىڭ قانۇنىي ئاساسىڭىز بويىچە ھوقۇقىڭىزنى قوغدايدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
 
تاۋار ماركىسىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن نەشر ھوقۇقىنى ئالدىن تىزىملاشنىڭ تەسىرى:
( 1 ) تاۋار ماركىسىنىڭ نورمال ئىشلىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ:ئەگەر باشقىلار سىزنىڭ تاۋار ماركىڭىزغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان شەكىلنىڭ نەشر ھوقۇقىنى ئالدىن تىزىملىسا، نەشر ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىشنى باھانە قىلىپ، سىزنىڭ بۇ تاۋار ماركىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىشىڭىزنى توسۇپ، كەسپىڭىزنىڭ نورمال قانات يايدۇرۇلۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
 (2) قانۇن ماجىراسى ۋە ئىقتىسادىي زىيان:نەشر ھوقۇقى ماجىراسى يۈز بېرىپ قالسا، نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ دەۋاغا تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن، بۇ قانۇن تەننەرخى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە مەھسۇلاتنىڭ بازاردىكى ئورنىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.
 

ئۇنداقتا بىز بۇ مەسىلىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك؟
 دەلىل ـ ئىسپات توپلاش
ئالدى بىلەن، سىزنىڭ تاۋار ماركىسىغا نىسبەتەن ئاۋۋال ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ـ ئىسپاتلارنى تېزدىن توپلاش كېرەك. بۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ۋاقتى، دائىرىسى، تەشۋىق قىلىپ كېڭەيتىش ماتېرىيالى، سېتىش توختامى، تالون قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ تاۋار ماركىڭىز ھاۋالە بويىچە لايىھىلەنگەن بولسا، يەنە لايىھىلەش توختامى، لايىھە ئورىگىنالى قاتارلىق ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى ياخشى ساقلاش كېرەك.
كېڭىشىپ ھەل قىلىش
نەشر ھوقۇقىنى تىزىملىغۇچى بىلەن كېڭىشىپ، نەشر ھوقۇقىنى تىزىملاشنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىش كېرەك. ئەگەر قارشى تەرەپ يامان نىيەتتە رويخەتكە ئالدۇرۇۋالغان بولسا، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق نەشر ھوقۇقىنى تىزىملاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلسا ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق نەشر ھوقۇقىنى سىزگە قايتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. كېڭىشىش جەريانىدا، كەسپىي ئادۋوكاتلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كېڭىشىشنىڭ قانۇنلۇقلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
 
نەشر ھوقۇقى ئىدارىسىگە باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش
كېڭىشىشتىن نەتىجە چىقمىسا، نەشر ھوقۇقى ئىدارىسىگە باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئىلتىماستا، ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئاۋۋال ئىشلىتىش ئەھۋالى، تاۋار ماركىسى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ نەشر ھوقۇقى توقۇنۇشى ئەھۋالى ۋە ئۆزىدە بار بولغان ئالاقىدار دەلىل - ئىسپاتلار تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. بىراق، باشقىچە پىكىر ئىلتىماسىنىڭ نۇرغۇن يوللىرى بار، باشقىچە پىكىر ئىلتىماسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى قانداق يۇقىرى كۆتۈرۈشنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟ بىزدىن مەسلىھەت سوراڭ.ئۈندىدار 3935579.
 
سوتقا ئەرىز قىلىش
 ئەگەر باشقىچە پىكىر ئىلتىماسى مەسىلىنى ھەل قىلالمىسا، سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشنى ئويلىشىشقا بولىدۇ. سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى ئارقىلىق تاۋار ماركىسى ھوقۇقى ۋە نەشر ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكىنى بېكىتىش كېرەك. دەۋا جەريانىدا، ئۆزىنىڭ دەلىل - ئىسپاتىنىڭ تولۇق، قانۇنلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە كەسپىي ئادۋوكاتقا ھاۋالە قىلىپ ۋاكالەتچىلىك قىلىش كېرەك. بىزدىن مەسلىھەت سوراڭ.ئۈندىدار 3935579.
 
تاۋار ماركىسىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن نەشىر ھوقۇقىغا ئالدىن تىزىملىتىلىۋېلىشى بىر خىل قول تۇتىدىغان ئەھۋال، شۇڭا سىزنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا نەشىر ھوقۇقىنى تىزىملىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئەگەر سىز تاۋار ماركىسىنى باشقىلار ئالدىن تىزىمغا ئالدۇرۇش ھوقۇقىغا دۇچ كەلگەن بولسىڭىز، ئىككىلەنمەي دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. سىزگە ئەڭ ماس كېلىدىغان ھەل قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ بېرەلەيمىز. ئۈندىدار 3935579.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
 

 



 
ھەمبەھىرلەش