بىرىكمە ماركىنى ئىمكانقەدەر ئايرىپ ئىلتىماس قىلىڭ

لايىھىدىكى LOGO ئاساسىي جەھەتتىن بەلگە-شەكىل ،خەنزۇچە ،ئىنگلىزچە ۋە باشقا يېزىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ،تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش جەريانىدا ،نۇرغۇن كارخانىلار ۋاقىت ۋە تەننەرخنى تېجەش ئۈچۈن ،پۈتكۈل تاۋار ماركىسى نۇسخىسىنى مۇكەممەل تاپشۇرۇشنى تاللايدۇ ،ۋە بىرىكمە ماركا شەكلىدە ئىلتىماس قىلىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ تاۋار ماركىڭىز رەسىم ۋە يېزىقتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسا ،بۇ خىل رويخەتكە ئالدۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز.
 

1-بىرىكمە تاۋار ماركىسى دىگەن نېمە؟
بىرىكمە تاۋار ماركىسى يېزىق، شەكىل، رەڭ، ئاۋاز قاتارلىق ئېلېمېنتلارنى بىرلەشتۈرۈپ، پەرقلەندۈرۈش دەرىجىسىگە ئىگە تاۋار ماركىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. بىرىكمە تاۋار ماركىسى ئۆزگىچىلىككە، كۆركەملىككە ئىگە بولۇپ، تاۋار ياكى مۇلازىمەت مەنبەسىنى ئۈنۈملۈك پەرقلەندۈرەلەيدۇ.
 

2- بىرىكمە تاۋار ماركىسىنى بىراقلا رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ خەۋپ – خەتىرى
تەكشۈرۈش قىيىنلىق دەرىجىسى ئېشىپ كىتىدۇ
 بىرىكمە تاۋار ماركىسىنى بىرلىكتە رويخەتكە ئالدۇرغاندا، بارلىق ئېلېمېنتلار بىرلا ۋاقىتتا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئېلېمېنتتا نۇقسان بولسا، پۈتكۈل تاۋار ماركىسى رەت قىلىنىدۇ. ئايرىم رويخەتكە ئالدۇرغاندا ھەر بىر ئېلېمېنتنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈش نىسبىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
 ئىشلىتىشتە چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ
 بىرىكمە تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئىشلەتكەندە چوقۇم رويخەتكە ئالدۇرغان ھالىتى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك. ئەگەر كارخانا مەلۇم ئېلېمېنتنى تەڭشىمەكچى بولسا، چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. ئايرىم رويخەتكە ئالدۇرغاندا ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئاساسەن، ھەر قايسى ئېلېمېنتلارنى جانلىق ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
 ھوقۇق - مەنپەئەتنى قوغداشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئاشىدۇ
بىرىكمە تاۋار ماركىسىنى بىرلىكتە رويخەتكە ئالدۇرغاندا، ھوقۇق - مەنپەئەتنى قوغداشتا ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشىنىڭ پۈتكۈل تاۋار ماركىسىغا چېتىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش كېرەك. ئايرىم رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشىنىڭ ئىچىدىكى بىر ئامىلغا چېتىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىسىلا ھوقۇقىنى قوغدىيالايدۇ.
بىرىكمە تاۋار ماركىسىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنىڭ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە قاتارلىق يېزىق قىسمى ۋە شەكىللىرىنى ئايرىپ رويخەتكە ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەكشۈرگەندە، ئايرىپ تەكشۈرىدۇ، ھەر قايسى قىسىملىرىنىڭ ئېلېمېنتلىرىنى تەكشۈرۈش بىر ـ بىرىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

3.بىرىكمە تاۋار ماركىسىنى ئايرىپ رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ ئەۋزەللىكى
 رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرىدۇ
 بىرىكمە تاۋار ماركىسىنىڭ ھەر قايسى ئېلېمېنتلىرىنى ئايرىپ رويخەتكە ئالدۇرغاندا، ھەر بىر ئېلېمېنتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. مەلۇم ئېلېمېنت رەت قىلىنغان تەقدىردىمۇ، باشقا ئېلېمېنتلار يەنىلا مۇستەقىل رويخەتكە ئالدۇرۇلۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ.  
ئەگەر تىزىمغا ئالدۇرغاندا خەنزۇچە خەت ئىلتىماستىن ئۆتۈپ،لېكىن LOGO قىسمى ئۆتمىگەن بولسا ،ئۇنداقتا بىز ھېچ بولمىغاندا خەنزۇچە خەت ئارقىلىق ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز ، خالىغان ۋاقىتتا يەنە بىر LOGO لايىھىلەپ چىقىشقا بولىدۇ؛ ھەرگىزمۇ بىرىكمە ئىلتىماس قىلغانغا ئوخشاش، بىر رەت قىلىش ئېلېمېنتى سەۋەبىدىن ھەممىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ، رويخەتكە ئالدۇرۇشتىن ئۆتۈش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.
جانلىق ئىشلىتىشكە بولىدۇ
ئايرىم رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئامىللىرىنى كارخانىلار بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن، جانلىق بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتسە بولىدۇ. مەسىلەن، ئوخشاش بولمىغان مەھسۇلات ياكى تەشۋىقات سورۇنلىرىدا ئوخشاش بولمىغان تاۋار ماركىسى ئېلېمېنتى ئىشلىتىلىدۇ.
ھوقۇقنى قوغداشقا قولايلىق
 ئايرىپ رويخەتكە ئالدۇرۇلغان تاۋار ماركىسى ئېلېمېنتى ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا ئۇچرىغاندا، كارخانا كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن، ھوقۇقنى قوغداش قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان ئېلېمېنتنى تاللاپ دەۋا قىلىپ، ھوقۇقنى قوغداشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش