ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
مەملىكەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى باشلىقلىرى يىغىنى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى
مەملىكەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى باشلىقلىرى يىغىنى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 20 – قۇرۇلتىيى ۋە 20 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن بىرلىكتە، گوۋۇيۈەن رەھبەرلىرىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتىگە بولغان تەستىق-تەلەپلىرىنى يەتكۈزۈپ ۋە ئۆگىنىپ، 2024-يىللىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتىنى خۇلاسىلەپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ ، 2025-يىلىدىكى ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشتەك نۇقتىلىق ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى شېن چاڭيۈ خىزمەت دوكلاتى بەردى.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى:
بىر يىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سىستېمىسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، « ئىككىنى بېكىتىش » نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، « تۆت ئاڭ » نى كۈچەيتىپ، « تۆت ئىشەنچ »، « ئىككى قوغداش » نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىنىڭ مۇقىم ئىلگىرىلەش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداپ، بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتا يېڭى، پۇختا قەدەم تاشلىدۇق. بىرىنچىدىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى پۇختا، كۈچلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. ئىككىنچى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش داۋاملىق كۈچەيتىلدى. ئۈچىنچى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى تەكشۈرۈش سۈپەت ئۈنۈمى سىجىل ئاشتى. تۆتىنچى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى تېز قويۇپ بېرىلدى. بەشىنچىدىن، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش سالمىقى داۋاملىق ئاشۇرۇلدى. ئالتىنچى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، جامائەت مۇلازىمىتى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلدى. يەتتىنچى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى ۋە كېڭەيتىلدى. سەككىزىنچى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئاساسى يەنىمۇ پۇختىلاندى. دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان « 2024-يىللىق دۇنيا يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى دوكلاتى » دىكى رەت تەرتىپى 11-ئورۇنغا كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان جەمئىي 24دەرىجە كۆتۈرۈلۈپ ، دۇنيادىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئىگە بولغان دۇنيا بويىچە يۈز كۈچلۈك پەن - تېخنىكا توپىنىڭ سانى 26 گە يېتىپ، ئۇدا ئىككى يىل ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سىستېمىسىمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاساسىي تېما تەربىيە نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامدىكىلەرنىڭ يۈكى يەڭگىللىتىلىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسى مەركەزنىڭ دائىملىق تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىپ، كۆزىتىشتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تۈزەتتى.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى:
مەملىكەت بويىچە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سىستېمىسىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك . باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى يېڭى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تۈزۈم تەمىناتى ۋە تېخنىكا تەمىناتى بىلەن تەمىن ئېتىش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، 14-بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى ئۆلچەمدە تاماملاپ، 15-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە پىلانلاپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى تۈزەش سىستېمىسى، تۈزۈم قائىدىسى، مەدەنىيەت مۇھىتى، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك يارىتىلىشى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشى، يۇقىرى ئۆلچەمدە قوغدىلىشى، يۇقىرى ئۈنۈمدە قوغدىلىشىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك .سۈپەتلىك مۇلازىمەت ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك خەلقئارا ھەمكارلىق، يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭىلىق يارىتىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى تىرەك ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.
يىغىندا 2025-يىللىق توققۇز تەرەپلىمىلىك مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلدى:
بىرىنچى، مەركەزنىڭ مۇھىم تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىككىنچى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە قانۇن چىقىرىش ۋە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئۈچىنچى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئىجاد قىلىشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈش سۈپىتى ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈش. تۆتىنچىدىن، بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىدىن يۇقىرى ئۈنۈمدە پايدىلىنىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پاتېنتنى ئايلاندۇرۇش، قوللىنىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، داڭلىق ماركا ئىستراتېگىيەسى ۋە جۇغراپىيەلىك بەلگىدىن پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش كېرەك. بەشىنچى، بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قوغداشنى كۈچەپ كۈچەيتىپ، بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش كېرەك. ئالتىنچى، يۇقىرى سۈپەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مۇلازىمىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يەتتىنچى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى يۇقىرى سەۋىيەلىك خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنياۋى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، « بىر بەلباغ، بىر يول » بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سەككىزىنچى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مەدەنىيەت تەشۋىقاتى سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. توققۇزىنچى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ كۈچەيتىپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لياۋتاۋ بىرىنچى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:مەملىكەت بويىچە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سىستېمىسىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گوۋۇيۈەن رەھبەرلىرىنىڭ تەستىقىي يوليورۇقى ۋە تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى باشلىقلىرى يىغىنى خىزمەت دوكلاتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى بىر يىللىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزاسى لۇ پېڭچى، خۇ ۋېنخۇي، جاڭ جىچېڭ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، ئىدارە پاتېنت ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، دۆلەتنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش خىزمىتى مىنىستىرلىكلەر ئارا بىرلەشمە يىغىنىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى تەكلىپ بىلەن يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا بېيجىڭ، تيەنجىن، لياۋنىڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، خۇبېي، خۇنەن، شەنشى قاتارلىق 9 جايدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى پىكىر ئالماشتۇردى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر يىغىننىڭ باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، « 14-بەش يىل » لىق پىلاننى يۇقىرى ئۆلچەمدە تاماملاشنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى « 15-بەش يىل » لىق تەرەققىياتىنى پىلانلىدى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈش توغرىسىدا چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىندى.
مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) لەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى، دۆلەت مۇداپىئە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى ئورگىنىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، پاتېنت ئىدارىسىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى، ئىدارىگە بىۋاسىتە قاراشلىق باشقا ئورۇنلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، بېيجىڭدىكى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار جەمئىيەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.
مەنبەسى: دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى ئورگان تور بېكىتى
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش