ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
سىزنىڭچە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى شۇنچە چۈشىنىكسىزمۇ؟ لېكىن ئەمەلىيەتتە كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ!
كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ھەممە يەردە بار، ئەمما دائىم سەل قارىلىدۇ. ئۇ بىزنىڭ ئىستېمال تاللىشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
ئۇلار ھەر خىل مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنىڭ ئورالمىسى، ئېلان، ۋىۋىسكا قاتارلىق جايلاردا پەيدا بولۇپ، بىزنىڭ تاۋارلارنى پەرقلەندۈرۈشىمىز ۋە تاللىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. مەسىلەن، ئەتىگەندە يۈز ـ كۆزىڭىزنى يۇيغاندا، سىز بەلكىم «لىڭ سۈەنلىڭ» چىش پاستىسى، «شياۋمى» توكلۇق چىش چوتكىسى ئىشلىتىشىڭىز مۇمكىن، سىرتقا چىقىپ ئىشقا چىققاندا، سىز بەلكىم «بىيادى» ماركىلىق ئاپتوموبىل ھەيدىشىڭىز مۇمكىن، كەچلىك تاماق ۋاقتىدا «خەيدىلاۋ» ساماۋەر شورپىسى يېيىشنى تاللايسىز، بۇ ماركىلارنىڭ تەسىر كۈچى سىزنىڭ مەھسۇلات تاللىشىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، تاۋار ماركىسى بولسا تاۋارنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاكالەتچىسى.

مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىز بىر ئېسىل روماننى ئوقۇغاندا، ئاپتورنىڭ بۇ ئەسەرگە بولغان ئەسەر ھوقۇقى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كاتېگورىيەسىگە كىرىدۇ، ئۇ ئاپتورنىڭ ئىجادىيەت نەتىجىسىنىڭ خالىغانچە كۆچۈرۈلمەسلىكى ۋە ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتورنى ئۆزىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە تىرىشچانلىقى ئارقىلىق تېگىشلىك جاۋابقا ئېرىشتۈرىدۇ. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مۇھاپىزەت كۈنلۈكىگە ئوخشايدۇ، ئۇ ئىجادىيەتچىلەر ۋە يېڭىلىق ياراتقۇچىلارنى كۈچلۈك قوللايدۇ ۋە كاپالەتلەندۈرىدۇ.
بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ مۇھىملىقى
بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش شەخس، كارخانا ۋە جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شەخسكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئۇنىڭ ئىجادچانلىقى ۋە ئەقىل ـ پاراسىتىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ھۆرمەتلەش بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقى ۋە ئىجادىيەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغايدۇ؛ كارخانىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە يادرولۇق تېخنىكا ۋە داڭلىق ماركىغا ئىگە بولۇش بازار رىقابىتىدە ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشنىڭ ئاچقۇچى؛
جەمئىيەت قاتلىمىدىن قارىغاندا، ياخشى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمى پەن ـ تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتكە تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت ئېلىپ كېلىشىگە ئىلھام بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا، كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشقا پايدىلىق. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىغانلىق يېڭىلىق يارىتىشنى قوغدىغانلىق، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشقانلىق.
1-تاۋار ماركىسى
تاۋار ماركىسىنىڭ مۇھىملىقى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم. ئالدى بىلەن ماركا كارخانىنىڭ ئوبرازى ۋە قىممىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىر ياخشى تاۋار ماركىسى ئىستېمالچىلارنىڭ مەھسۇلاتقا بولغان ئىشەنچىسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرىدۇ، شۇ ئارقىلىق كارخانىنىڭ بازار ئۈلۈشى ۋە پايدىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئىككىنچىدىن، تاۋار ماركىسى كارخانىنىڭ مۇھىم مۈلكى بولۇپ، ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجازەت بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كارخانىغا نورمىدىن سىرت كىرىم ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تاۋار ماركىسى يەنە كارخانا مەھسۇلاتلىرىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، باشقىلارنىڭ ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
تاۋار ماركىسىنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان ساھەلىرىگە ئاساسەن تۈرگە ئايرىلىدۇ، مەسىلەن، كىيىم - كېچەك، يېمەكلىك، ئېلېكترونلۇق مەھسۇلات قاتارلىقلار.
تاۋار ماركىسىنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىرى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا بۆلۈنىدۇ:
(1)يېزىقلىق تاۋار ماركىسى:يېزىقلىق تاۋار ماركىسى يېزىقنى ئاساس قىلغان تاۋار ماركىسى بولۇپ، خەنزۇچە خەت، ھەرپ، سان ياكى ئۇلارنىڭ بىرىكمىسى بولسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، «بەيدۇ»، «تېڭشۈن» قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ھەممىسى تىپىك يېزىق تاۋار ماركىسى.

(2)گرافىك تاۋار ماركىسى:گرافىك تاۋار ماركىسى شەكىلنى ئاساس قىلغان تاۋار ماركىسى بولۇپ، ئاددىي گېئومېتىرىيىلىك شەكىل، ئابستراكت نەقىش ياكى كونكرېت سۈرەت بولسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن ،«خۇاۋېي» نىڭ سەككىز تال گۈل بەرگى سۈرىتى ،«Apple» نىڭ ئالما سۈرىتى قاتارلىقلار.
3(3)بىرىكمە تاۋار ماركىسى:بىرىكمە تاۋار ماركىسى يېزىق، شەكىل، ھەرپ، سان، رەڭ، ئاۋاز قاتارلىق ئامىللاردىن تەركىب تاپقان تاۋار ماركىسىدۇر. مەسىلەن ،«كېنتاكى» بىر تىپىك بىرىكمە تاۋار ماركىسى بولۇپ ،ئۇنىڭدا ھەم «KFC» نىڭ ھەرپ بەلگىسى بار ،ھەم بوۋاينىڭ سۈرىتى بار.
(4)ئاۋازلىق تاۋار ماركىسى:ئاۋازلىق تاۋار ماركىسى ئاۋازنى ئاساس قىلغان تاۋار ماركىسى بولۇپ، مۇزىكا، ئاۋاز ئۈنۈمى ياكى ئادەم ئاۋازى قاتارلىقلار بولسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن ،تېڭشۈننىڭ QQ يۇمشاق دېتال ئەسكەرتىش ئاۋازى ،مېترو - گولدۋىن - مايېر شىركىتىنىڭ «شىر ھۆركىرىگەن» ئاۋاز تاۋار ماركىسى قاتارلىقلار.
5(5)رەڭلىك تاۋار ماركىسى:رەڭلىك تاۋار ماركىسى رەڭنى ئاساس قىلغان تاۋار ماركىسى بولۇپ، بىرلا خىل رەڭ، رەڭ بىرىكمىسى ياكى رەڭ بىلەن يېزىق، شەكىلنىڭ بىرىكمىسى بولسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن “Tiffany & Co.” نىڭ كۆك ئورالما قېپى ،«Cadbury» نىڭ سۆسۈن ئورالما قېپى قاتارلىقلار.
6(6)ئۈچ ئۆلچەملىك تاۋار ماركىسى:ئۈچ ئۆلچەملىك تاۋار ماركىسى ستېرېئولۇق شەكىلنى ئاساس قىلغان تاۋار ماركىسى بولۇپ، مەھسۇلاتنىڭ سىرتقى شەكلى، ئورالمىسىنىڭ شەكلى ياكى مەھسۇلاتنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالسا بولىدۇ. مەسىلەن ،«Coca - Cola» نىڭ ئەينەك بوتۇلكا شەكلى ،«Prada» قول سومكىسىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى قاتارلىقلار.
يۇقىرىقىلار پەقەت بىر قىسىم دائىم ئۇچرايدىغان تاۋار ماركىسى تۈرلىرى، ئەمەلىيەتتە تاۋار ماركىسىنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن، پۇراق تاۋار ماركىسى، ھەرىكەتچان تاۋار ماركىسى قاتارلىقلار. مەيلى قايسى تۈردىكى تاۋار ماركىسى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىستېمالچىلارنىڭ ماركا، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى پەرقلەندۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ھەمدە كارخانىنىڭ ئوبرازى ۋە قىممىتىگە ۋەكىللىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. كارخانا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغاندىن كېيىن قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، بۇ ماركىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ۋە مونوپوللۇق ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، سودا قىممىتىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ساختا، ناچار مەھسۇلاتلارغا زەربە بېرىپ، باشقىلارنىڭ ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كارخانىنىڭ بازاردىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىستېمالچىلار بىلەن بولغان يېپىشقاقلىقىنى ئاشۇرىدۇ ھەمدە كارخانىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.
2- ئەسەر ھوقۇقى
ئەسەر ھوقۇقى نەشر ھوقۇقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئەدەبىيات، سەنئەت ۋە ئىلىم - پەن ساھەسىدىكى ئاپتورلارنىڭ ئەدەبىيات، سەنئەت ۋە ئىلىم - پەن ئەسەرلىرىدىن بەھرىمەن بولىدىغان مەخسۇس ھوقۇقى، ئىجادىيەتچىنىڭ ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىدىن بەھرىمەن بولىدىغان مال - مۈلۈك ھوقۇقى ۋە مەنىۋى ھوقۇقىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بىز ئۇچرىشىدىغان ئەسەر ھوقۇقى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1.كىتاب، ماقالە، ئاخبارات خەۋىرى قاتارلىق يازما ئەسەرلەرنىڭ ئەسەر ھوقۇقى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىجادىيەتچىلىرى ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، باشقىلارنىڭ ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ خالىغانچە كۆپەيتىشىگە،تارقىتىشىغا ياكى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
2.مۇزىكا، ناخشا، ئۇسسۇل قاتارلىق سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىجادىيەتچىلىرىمۇ ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، باشقىلارنىڭ ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ خالىغانچە ناخشا ئېيتىشىغا، مۇزىكا چېلىشىغا، كۆپەيتىشىگە ياكى تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
3.كىنو، تېلېۋىزىيە تىياتىرى، ھۆججەتلىك فىلىم قاتارلىق ئۈن - سىن ئەسەرلىرىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىلىرى ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، باشقىلارنىڭ ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ خالىغانچە كۆپەيتىشىگە، تارقىتىشىغا ياكى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
4.كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى، يان تېلېفون ئىشلىتىش قاتارلىق رەقەملىك ئەسەرلەرنىڭ ئەسەر ھوقۇقى. بۇ ئەسەرلەرنى ئاچقۇچىلار ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، باشقىلارنىڭ ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ خالىغانچە كۆپەيتىشىگە،تارقىتىشىغا ياكى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
5.رەسساملىق، ھەيكەلتىراشلىق، فوتو سۈرەت قاتارلىق گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىجادىيەتچىلىرى ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، باشقىلارنىڭ ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ خالىغانچە كۆپەيتىشىگە، تارقىتىشىغا ياكى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بەزى ئالاھىدە ئەسەر ھوقۇقى شەكىللىرى بار، مەسىلەن:
1.سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئەسەر ھوقۇقى:سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئىجادىيەتچىسى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە مەزمۇنىغا قارىتا ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
2.كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى ئەسەر ھوقۇقى:كومپيۇتېر پروگراممىسىنى ئاچقۇچىلار پروگراممىنى لايىھىلەش، كودلاشتۇرۇش ۋە ئارخىپ جەھەتتە ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
3.قۇرۇلۇش چېرتيوژىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى:قۇرۇلۇش چېرتيوژىنى ئىجاد قىلغۇچى چېرتيوژنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە مەزمۇنىغا ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
4.خەرىتە ۋە ئىسخېما ئەسەر ھوقۇقى:خەرىتە ۋە ئىسخېما ئىجادىيەتچىلىرى بۇ خەرىتىلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە مەزمۇنىغا قارىتا ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش ئاساسلىقى ئاپتورنىڭ ئۆزى ئىجاد قىلغان ئەسەردىن بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈندۇر، ئۇ ئېلان قىلىش ھوقۇقى، ئىمزا قويۇش ھوقۇقى، تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھوقۇقى، كۆپەيتىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداشتىن مەقسەت مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىش ۋە تارقىتىشقا ئىلھام بېرىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.
3.پاتېنت
پاتېنت بىر تۈرلۈك كەشپىيات، ئىجادىيەتنى ئىجاد قىلغۇچى ئىگە بولغان مۇستەقىل ئىگىلەش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ خىل ھوقۇق كەشپىيات، ئىجادىيەتنى باشقىلارنىڭ ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ ئىشلىتىشى ياكى تەقلىد قىلىپ ياسىشىنى قوغدىيالايدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بىز يەنە ھەر خىل پاتېنت بىلىملىرى بىلەن ئۇچرىشىمىز، تۆۋەندىكىسى بىر قىسىم دائىم ئۇچرايدىغان پاتېنت تۈرلىرى ۋە مىساللىرى:
1.كەشپىيات پاتېنتى:كەشپىيات پاتېنتى مەھسۇلات، ئۇسۇل ياكى ئۇنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى تېخنىكا لايىھىسىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، بىر خىل كېسەلنى داۋالايدىغان يېڭى دورا، بىر خىل يېڭى تىپتىكى ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنە قاتارلىقلار.
2.ئەمەلىي يېڭى تىپ پاتېنتى:ئەمەلىي يېڭى تىپ پاتېنتى مەھسۇلاتنىڭ شەكلى، قۇرۇلمىسى ياكى ئۇنى بىرلەشتۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەمەلىي قوللىنىشقا ماس كېلىدىغان يېڭى تېخنىكا لايىھىسىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، بىر خىل يېڭى تىپتىكى يان تېلېفون قېپى، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بىر خىل خاتىرە كومپيۇتېر قاتارلىقلار.
3.تاشقى كۆرۈنۈش لايىھەسى پاتېنتى:تاشقى كۆرۈنۈش لايىھەسى پاتېنتى مەھسۇلاتنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگە قارىتا چىقىرىلغان گۈزەللىك تۇيغۇسىغا باي ھەمدە سانائەتتە قوللىنىشقا ماس كېلىدىغان يېڭى لايىھەنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، بىر خىل يېڭى تىپتىكى ئاپتوموبىلنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسى، بىر خىل مودا رەقەملىك مەھسۇلاتنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسى قاتارلىقلار.
يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، كارخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كارخانىلارنىڭ شەكىلسىز مۈلكىنى ئاشۇرۇش، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. زامانىۋى ئىقتىسادىي سىستېما بەرپا قىلىش ۋە دۆلەتنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز يەنە باشقىلارنىڭ «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى» غا ھۆرمەت قىلىشىمىز، ئالاقىدار قانۇن ـ نىزاملارغا رىئايە قىلىشىمىز، باشقىلارنىڭ ئاۋۋال ئېرىشكەن ھوقۇق ـ مەنپەئىتىگە دەخلى ـ تەرۇز قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش