تاۋار تاياقچە كود سىستېمىسى ئەزالىرى كۆپ ئۇچرايدىغان بىرقىسىم مەسىلىلەرگە ئىزاھات

1- A شىركىتىنىڭ تاۋار ماركىسى بار، مەھسۇلاتنى B شىركەت  ئىشلەپچىقارغان بولسا ، ئۇنداقتا بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئورالمىسىغا قايسى شىركەتنىڭ تاياقچە كود نومۇرىنى بېسىش كېرەك؟
مەھسۇلاتنىBشىركىتى ئىشلەپچىقارغان بولسا ،شۇ شىركەتنىڭ تاياقچە كود نومۇرىنى ئىشلىتىشى كېرەك.يەنى، مەھسۇلات ئىگىسى كىم بولسا شۇنىڭ تاياقە كود نومۇرىنى ئىشلىتىشى كېرەك.ئەگەر ABدىن ئىبارەت بۇ ئىككى شىركەتنىڭ ھاۋالە بويىچە ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى بولسا،يەنى Aتەرەپ B تەرەپكە ھاۋالە قىلغان بولسا، ھاۋالە قىلغۇچى تەرەپنىڭ تاياقچە كودىنى ئىشلىتىش ، يەنى، A شىركەتنىڭ تاياقچە  كودىنى ئىشلىتىشى كېرەك.
2-  گۇرۇھ شىركەت قارىمىقىدىكى بالا شىركەت بىلەن شۆبە شىركەت تاۋار تاياقچە كودىنى ئىشلەتكەندە قانداق ئوخشىماسلىقلار بار؟
 گۇرۇھ شىركەت قارىمىقىدىكى بالا شىركەت تاۋار تاياقچە  كودىنى ئىشلەتكەندە، تاۋار تاياقچە كودىنى باشقۇرۇش چارىسىنى يولغا قويۇش جەريانىدىكى ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ھۆججەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك:
(1) بالا شىركەت ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ لايىھەلىگەن، ئۆزى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتقا بالا شىركەت ئۆزى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان زاۋۇت پەرق ئېتىش كودى ۋە مۇناسىپ تاۋار تاياقچە كود نومۇرىنى ئىشلىتىشى كېرەك.
(2) جۇڭگو بۇيۇملارنى كودلاشتۇرۇش مەركىزىگە ئەنگە ئالدۇرغاندىن كېيىن، بالا شىركەت گۇرۇھ شىركەت بىلەن بىر تۇتاش تەتقىق قىلىپ لايىھەلەپ ئىشلەپچىقىرىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئوخشاش ماركىدىكى ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلارغا گۇرۇھ شىركەت ئىشلىتىشكە ھوقۇق بەرگەن زاۋۇت پەرق ئېتىش كودى ۋە مۇناسىپ تاۋار تاياقچە كود نومۇرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بالا شىركەتلەر بىر - بىرىنىڭ زاۋۇت پەرق ئېتىش كودى ۋە مۇناسىپ تاۋار تاياقچە كود نومۇرىنى ئۆز ئارا ئىشلەتسە بولمايدۇ، ئەگەر بۇ ئىككى بالا شىركەت ھاۋالە بويىچە ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى بولسا، ھاۋالە قىلغۇچى تەرەپنىڭ تاۋار تاياقچە كودىنى ئىشلىتىشى كېرەك. تاۋار تاياقچە كودىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، گۇرۇھ شىركەت باش شىركىتى قارىمىقىدىكى شۆبە شىركەت مۇستەقىل بولمىغان قانۇنىي ئىگە گۇرۇھ شىركەت رويخەتكە ئالدۇرغان زاۋۇت پەرق ئېتىش كودى ۋە مۇناسىپ تاۋار تاياقچە كود نومۇرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ،لېكىن چوقۇم تاۋار ياكى ئورالمىسىغا گۇرۇھ شىركەتنىڭ نامى ياكى گۇرۇھ شىركەت ۋە شۆبە شىركەتنىڭ نامى يېزىلىشى كېرەك. شۆبە شىركەت تىجارەت كىنىشكىسىنى ئېلىپ تۇرۇشلۇق جايدىكى كودلاشتۇرۇش تارماق ئاپپاراتىغا بېرىپ زاۋۇت پەرقلەندۈرۈش كودىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ،
 
3- ئىمپورت مەھسۇلاتىغا دۆلەت ئىچىدىكى سېتىش كارخانىسى ياكى ۋاكالەتچى سودىگەر ئۆزى رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار تاياقچە كود نومۇرىنى ئىشلەتسە بولامدۇ؟
تاۋار تاياقچە كودىنى باشقۇرۇش چارىسىنى يولغا قويۇش جەريانىدىكى ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ھۆججەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارغا چېگرا سىرتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرى رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار تاياقچە كود نومۇرىنى ياكى  دۆلەت ئىچىدىكى سېتىش كارخانىلىرى ياكى ۋاكالەتچى سودىگەرلەر رويخەتكە ئالدۇرغان زاۋۇت پەرقلەندۈرۈش كودى ۋە مۇناسىپ تاۋار تاياقچە كود نومۇرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. ئەگەر ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلار دۆلەت ئىچىدە يەنە ئىككىنچى قېتىم پىششىقلاپ ئىشلەنسە ۋە ئوراپ قاچىلانسا ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى شىركەتلەر مەھسۇلات سۈپىتى جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان بولسا ،ئۇنداقتا  بۇ شىركەت تاۋار تاياقچە كود نومۇرىنى ئۆز ئالدىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
4- قانداق ئەھۋالدا مەھسۇلاتقا قىسقارتىلغان تاياقچە  كود نومۇرى ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؟
 تاۋارنىڭ ئورالمىسى ناھايىتى كىچىك بولۇپ، تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەھۋالنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كەلسە، كارخانا قىسقارتىلغان كود نومۇرى EAN-8 ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ:
(1)13 خانىلىق تاۋار تاياقچە كود نومۇر بەلگىسىنىڭ بېسىلىش كۆلىمى تاۋار چاپلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ كۆلىمىنىڭ 1/4 دىن ياكى بارلىق بېسىلىشقا بولىدىغان كۆلىمىنىڭ 1/8 دىن ئېشىپ كەتكەندە؛
(2) تاۋار چاپلىقىنىڭ ياكى ئورالمىسىنىڭ ئەڭ چوڭ يۈزى 40 كۋادرات سانتىمېتىردىن كىچىك ياكى بارلىق بېسىلىشقا بولىدىغان كۆلىمى 80 كۋادرات سانتىمېتىردىن كىچىك بولغاندا؛
 (3) مەھسۇلات ئەسلىدىنلا دىئامېتىرى ئۈچ سانتىمېتىردىن كىچىك سىلىندىرسىمان شەكىلدە بولسا؛

قىسقارتىلغان كود نومۇرى EAN-8 نى شۇ جايدىكى كودلاشتۇرۇش تارماق ئاپپاراتى بىلەن ئالاقىلىشىپ بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىڭ ھەمدە مەھسۇلاتنىڭ سىرتقى ئورالما ئەۋرىشكىسى بىلەن تەمىنلەڭ. تۇنجى قېتىم بېجىرىشتە بىر قېتىمدىلا 400 يۈئەن ھەق ئېلىنىدۇ.
تاۋار تاياقچە كود ئىلتىماس قىلماقچى ۋە باشقۇرۇشقا ھاۋالە قىلماقچى بولسىڭىز شىركىتىمىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.


 
ھەمبەھىرلەش