ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
ماركا كىنىشكىسى چىققاندىن كىيىنمۇ تاۋار ماركىسى بىكار بولۇپ كىتەمدۇ؟
سىز تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش گۇۋاھنامىسىنى ئالساقلا ھەممە ئىش پۈتىدۇ دەپ قارامسىز؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش گۇۋاھنامىسىنى ناھايىتى ئۇزۇن ساقلاپ قولغا ئالغاندىن كىيىنلا ياستۇقنى ئېگىز قىرلاپ خاتىرجەم ياتساق بولىدۇ دەپ قارىماسلىق كېرەك، تاۋار ماركىسىنىڭمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش خەتىرى بار.
تاۋار ماركىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟
1.«تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 49ـ ماددىسىدا:رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىشلىتىش بېكىتىلگەن تاۋارنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ قالغان ياكى يوللۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن بولسا، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخس تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ئەگەر تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئېلىنغاندىن كېيىنكى ئۈچ يىل ئىچىدە ئىشلىتىلمىسە، باشقىلار بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. شۇڭا، تاۋار ماركىسىنى ئىلكىدە تۇتقۇچى تىجارەت پائالىيىتىدە چوقۇم ئىشلىتىش ئىسپاتىنى ساقلاپ قېلىشقا دىققەت قىلىپ، كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك، تاۋار ماركىسىنىڭ ئىشلىتىلىش جەريانىدا قىممىتى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەيدۇ.
2.ئۆلچەملىك ئىشلىتىش: تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش دائىرىسى تەستىقلانغان تاۋار ياكى مۇلازىمەت دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك! ئەگەر كارخانىنىڭ نامى، ئادرېسى قاتارلىق ھالقىلىق ئۇچۇرلار ئۆزگەرسە چوقۇم ۋاقتىدا تاۋار ماركىسىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. ئۆزگەرتمىسىڭىز ئەگەر كېيىنكى مەزگىلدە تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە مۇناسىۋەتلىك خەت - چەكلەر ئەۋەتىلسە، سىز قوبۇل قىلالمايسىز ۋە ئەڭ ياخشى جاۋاب بېرىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، تاۋار ماركىسىنىڭ ئەمەلدىن قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىسىز. ئۇنىڭدىن باشقا، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى، رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ نامى، ئادرېسى ياكى رويخەتكە ئېلىنغان باشقا ئىشلارنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتسە، يەرلىك سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، تۈزەتمىسە بىكار قىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ.
3.مۇددىتى توشقاندا ئۇزارتىش: رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ داۋاملىق ئىشلىتىشنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى 10 يىل بولىدۇ، مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئەگەر داۋاملىق ئىشلەتمەكچى بولسا چوقۇم قەرەلىنى ئۇزارتىشقا ئىلتىماس قىلىش كېرەك. ھەر بىر دەۋر 10 يىل داۋاملىشىدۇ. گەرچە 10 يىل قىسقا بولمىسىمۇ، لېكىن تاۋار ماركىسىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن داۋاملىق ئىشلىتىشكە توغرا كېلىپ، قەرەلىنى ئۇزارتىشنى ئۇنتۇپ قېلىپ، ئاخىرىدا تاۋار ماركىسى ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولىدىغان ئەھۋاللار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. رويخەتكە ئالدۇرغۇچى كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشۇشتىن 12 ئاي بۇرۇن ياكى كېيىنكى 6 ئاي ئىچىدە تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە داۋاملىق ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، ئەگەر مۇددىتى توشۇپ قەرەلىنى ئۇزارتمىسا، تاۋار ماركىسى ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلىنىدۇ.
تاۋار ماركىسى گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كارخانا ۋە شەخسلەر ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشى كېرەك، بۇ تاۋار ماركىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ساقلاش، تاۋار ماركىسىنى ئۆلچەملىك ئىشلىتىش، تاۋار ماركىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تاۋار ماركىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ساقلاش ئۈچۈن، كارخانا تاۋار ماركىسىنى ئاكتىپ، سىجىل ئىشلىتىشى كېرەك. بۇ تاۋار ماركىسىنىڭ ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلىتىلمەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىدىن ساقلىنىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە تاۋار ماركىسىنىڭ بازاردا ئۈزلۈكسىز قىممەت توپلىشىغا پايدىلىق. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، كارخانا ئىشنى ماركىنى ئەمەلىي ئىشلىتىش، دەلىل - ئىسپاتلارنى خاتىرىلەش، ئىشلىتىش ئارخىپى تۇرغۇزۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن باشلىسا بولىدۇ.
بۇ يەردە تەھرىر كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەن مەڭگۈ راھەت كۆرگىلى بولىدىغان ئىش يوق، كۆپچىلىك تاۋار ماركىسىنى ئالغاندىن كېيىن بىپەرۋالىق قىلماڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ تاۋار ماركىسىنى كۆڭۈل قويۇپ باشقۇرۇڭلار، تاۋار ماركىسىنى چوقۇم ئۆلچەملىك ئىشلىتىڭلار، تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنىڭ قولىمىزدا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭلار!
ئومۇمەن، تاۋار ماركىسى گۇۋاھنامىسى قولغا كەلگەندىن كېيىن ياستۇقنى ئېگىز قىرلاپ خاتىرجەم ياتساق بولمايدۇ، ھەر ۋاقىت ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن. كارخانا ۋە شەخسلەر تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىش ئەھۋالى ۋە تەرتىپىنى تولۇق ئىگىلەپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ تاۋار ماركىسىنىڭ بىكار قىلىنىشىدىن ساقلىنىپ، ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسى ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش