ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
تاۋار ماركىسى بىلەن داڭلىق ماركىنىڭ پەرقىنى بىلەمسىز؟
تاۋار ماركىسى تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كىشىلەر تاۋار ماركىسىنى داڭلىق ماركا، داڭلىق ماركىنى تاۋار ماركىسى دەپ قارايدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەرلا ئەمەس، نۇرغۇن كارخانىلارمۇ شۇنداق قارايدۇ، شۇ سەۋەبتىن تاۋار ماركىسى بىلەن داڭلىق ماركىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
1- تاۋار ماركىسى
تاۋار ماركىسى تىجارەتچىلەر ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلات ياكى شۇغۇللىنىۋاتقان مۇلازىمەتنىڭ مەنبەسىنى پەرقلەندۈرىدىغان روشەن بەلگە بولۇپ، كارخانىنىڭ شەكىلسىز مۈلكى ھېسابلىنىدۇ.
تاۋار ماركىسىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ مەنبەسىنى كۆرسىتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ نۇرغۇن ماركىلار ئىچىدىن تاللىشىغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت. ئۇ بىر پەرقلەندۈرۈش بەلگىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىر خىل قانۇنىي كاپالەت بولۇپ، تاۋار ماركىسى ئىگىدارىنىڭ ئۆز ئالدىغا تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، باشقىلارنىڭ تەقلىد قىلىشى ياكى باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسى بىلەن ئارىلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
«تاۋار ماركىسى قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، تاۋار ماركىسى يېزىق، شەكىل، ھەرپ، رەقەم، ئۈچ ئۆلچەملىك بەلگە، رەڭدىن ئايرىم - ئايرىم تەركىب تاپىدۇ ياكى يۇقىرىقى ئامىللارنىڭ بىرىكمىسى بولۇپ، روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بەلگە بولىدۇ. تاۋار ماركىسىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەستىقلاپ رويخەتكە ئالغاندىن كېيىن، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، كارخانا ئىشلىتىش جەريانىدا «®» بەلگىسىنى ئىزاھلىسا بولىدۇ، «®» ۋەكىللىك قىلىدىغىنى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بولۇپ، رويخەتكە ئالدۇرمىغان تاۋار ماركىسىدا بۇ بەلگە بولسا بولمايدۇ، «تاۋار ماركىسى قانۇنى» دا ئېنىق قىلىپ مۇنداق بەلگىلەنگەن:«تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى «رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى» ياكى رويخەتكە ئېلىنغان بەلگە ®بەلگىسىنى ئىزاھلاشقا ھوقۇقلۇق، ئەگەر كارخانىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇلمىغان تاۋار ماركىسىغا ®بەلگە سېلىنغان بولسا، ساختا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بولۇپ، تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى ـ تەرۇز قىلىشنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن، بۇ قىلمىش قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ.
2-داڭلىق ماركا
داڭلىق ماركا ئىستېمالچىلارنىڭ مەلۇم مەھسۇلات ۋە مەھسۇلات سىستېمىسىغا بولغان بىلىش دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئىستېمالچىلارنىڭ كارخانىغا بولغان ئىشەنچ دەرىجىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ كارخانىنىڭ ئىناۋىتى، ئوبرازى، مەدەنىيىتى، قىممەت قارىشى، خېرىدارلارنىڭ تەسىراتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. داڭلىق ماركا ئىستېمالچىلارنىڭ مەھسۇلات ياكى كارخانىغا بولغان ئومۇمىي سەزگۈسى، كارخانىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ قەلبىدىكى تەسىرى ۋە باغلانما تەسەۋۋۇرى. تاۋار ماركىسى داڭلىق ماركىنىڭ بىر قىسمى، تاۋار ماركىسى داڭلىق ماركىنىڭ كۆرۈش سېزىمى ئىپادىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن،داڭلىق ماركىنى پەرقلەندۈرۈشتىكى مۇھىم ئېلېمېنتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ داڭلىق ماركىنى تېز پەرقلەندۈرۈشى ۋە ئەستە ساقلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.داڭلىق ماركا ئەگەر رويخەتكە ئېلىنمىغان تاۋار ماركىسى بولسا، قانۇن تەرىپىدىن قوغدالمايدۇ.
3-تاۋار ماركىسى بىلەن داڭلىق ماركىنىڭ باغلىنىش پەرقى
(1) ئوبيېكتى ئوخشاش ئەمەس:
تاۋار ماركىسى داڭلىق ماركىنىڭ بەلگىسى ۋە نامى قىسمى بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ پەرقلەندۈرۈشىگە قولايلىق، لېكىن تاۋار ماركىسىنىڭ ھەممىسى داڭلىق ماركا ئەمەس. كارخانا مۇۋەپپەقىيەتلىك تىزىمغا ئالدۇرۇلغاندىن كېيىن، بىۋاستە داڭلىق ماركىغا ئىگە بولمايدۇ، كېيىنكى مەزگىلدە ماركىنى تەشۋىق قىلىپ، ماركىنى ئىستىمالچىلارنىڭ قەلبىدىكى داڭلىق ماركىغا ئايلاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
(2) دائىرىسى ئوخشىمايدۇ:
تاۋار ماركىسى قانۇن ئۇقۇمىغا تەۋە، داڭلىق ماركا بازار ئۇقۇمى. تاۋار ماركىسى بىر قاتار قانۇنىي تەرتىپلەر ئارقىلىق تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇ ئىگىدارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ، داڭلىق ماركا كارخانا بىلەن خېرىدار ئوتتۇرىسىدا تاۋار سەۋەبىدىن پەيدا بولغان مۇناسىۋەتنى ھەمدە خېرىدارنىڭ سادىقلىق دەرىجىسىنى تۇرغۇزۇشنى تەكىتلەيدۇ.
(3) ئىگىدارلىق ھوقۇقى ئوخشاش بولمايدۇ:
تاۋار ماركىسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى شىركەت ياكى شەخسكە تەۋە بولىدۇ، داڭلىق ماركا ئىستېمالچىلارنىڭ كاللىسىدا، خېرىدارلارنىڭ قەلبىدە ئىستېمالچىلارنىڭ مەلۇم تۈردىكى مەھسۇلات ۋە مەھسۇلات سىستېمىسىغا بولغان بىلىش دەرىجىسى ھېسابلىنىدۇ.
(4) قانۇن جەھەتتىن قوغدىلىشى ئوخشىمايدۇ:
تاۋار ماركىسىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەستىقلاپ رويخەتكە ئالىدۇ، قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، داڭلىق ماركىنى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ تەستىقلىشى ھاجەتسىز، رويخەتكە ئالدۇرماي تۇرۇپ تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا ئېرىشكەن داڭلىق ماركا قانۇن تەرىپىدىن قوغدالمايدۇ. داڭلىق ماركىنى پەقەت ئۆزىلا بەلگىلىسە بولىدۇ، ئەمما داڭلىق ماركا بىلەن تاۋار ماركىسى بىردەك بولسا كارخانا مەھسۇلاتىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ۋە تەشۋىق قىلىپ كېڭەيتىشكە تېخىمۇ پايدىلىق.
(5) ئىشلىتىش دائىرىسى ئوخشاش بولمايدۇ:
تاۋار ماركىسىنىڭ دۆلەت چېگرىسى چەكلىمىسى بار، داڭلىق ماركىنىڭ بولسا چەك-چىگرىسى يوق. ھەر بىر دۆلەتنىڭ تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنى قوغداش قانۇنى ئوخشاش بولمايدۇ، بىر دۆلەتتە رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى پەقەت شۇ دۆلەت دائىرىسىدە ئىشلىتىلسە قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، ئەگەر دۆلەتتىن ھالقىپ كەتسە، شۇ دۆلەتنىڭ قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىشىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. داڭلق ماركىنىڭ دۆلەت چېگرىسى چەكلىمىسى يوق بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا تونۇغىلى ۋە ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
(6) ۋاقىت چېكى ئوخشىمايدۇ:
تاۋار ماركىسىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى قانۇنغا باغلىق، كۈچكە ئىگە مۇددىتى 10 يىل بولىدۇ، ھەمدە تاۋار ماركىسىنىڭ قەرەلىنى داۋاملىق ئۇزارتىش ئارقىلىق مۇددەتسىز تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ؛ داڭلىق ماركىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى بولسا بازارغا باغلىق، ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى بازار ۋە تىجارەتچىنىڭ ئىقتىدارىغا باغلىق. تاۋار ماركىسى داڭلىق ماركىنىڭ كەينىدە كەم بولسا بولمايدىغان قانۇن قورالى، داڭلىق ماركا بولسا تاۋار ماركىسىنىڭ داۋامى، ئەگەر سىز تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ،داڭلىق ماركىڭىزنى قوغدىماقچى بولسىڭىز، مەن بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ ( ئۈندىدار 3935579 ).
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش