زەنجىرسىمان ئاشخانا ئاچىدىغانلار چوقۇم 35-تۈرگە ماركا ئىلتىماس قىلىشى كىرەكمۇ؟

  ھازىرغا قەدەر، تاۋار ماركىسى تۈرى 35 ـ تۈردىكى «ئالاھىدە ئىجازەت  لىك تىجارەت سودىسىنى باشقۇرۇش، مېھمانخانا سودىسىنى باشقۇرۇش ......» قاتارلىق تۈرلەرنى نۇرغۇن يېمەك ـ ئىچمەك تىجارەتچىلىرى تازا ئېنىق چۈشىنەلمەي قالدى؛ ئۇلار كۆڭلىدە «ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت سودا باشقۇرۇش» تۈرىنى رويخەتكە ئالدۇرماي تۇرۇپ زەنجىرسىمان دۇكان ئاچقىلى بولمامدۇ؟  دەپ ئويلىنىپ قالدى.
  بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى، بىر تەرەپتىن، بىر قىسىم تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىرى ۋە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ تاۋار ماركىسىنىڭ تۈرگە ئايرىلىش جەدىۋىلىنى تولۇق چۈشەنمىگەنلىكى، ئىلتىماس قىلغۇچىنى خاتا يېتەكلىگەنلىكى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بىر قىسىم ناچار ۋاكالەتچىلەر بۇنىڭ ئىچىدە ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىپ، تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ھەققىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، 35 ـ تۈرنىڭ رولىنى مۇبالىغە قىلىپ،35ـ تۈردىكى مۇلازىمەت تۈرىنىڭ مەزمۇنىنى بۇرمىلاپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنى ساراسىمىگە سالدى.
زەنجىرسىمان تىجارەت قىلىدىغان ئاشخانىلار تاۋار ماركىسىنى 35 - تۈردە رويخەتكە ئالدۇرۇش - ئالدۇرماسلىقنى كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىش كېرەك.
 ئەگەر پەقەت تاۋار ماركىسى ھوقۇقى بېرىلىپ، باشقىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەھەرلەردە يېمەك - ئىچمەك دۇكىنى ئېچىشىغا ئىجازەت بېرىلگەن بولسا، دۇكاننى باشقۇرۇش قاتارلىق باشقا ئىشلار مەۋجۇت بولمىسا،35 - تۈرنى رويخەتكە ئالدۇرماي،43 - تۈردىكى يېمەك - ئىچمەك ماركىسىنى ئىشلىتىشكە بىۋاسىتە ھوقۇق بېرىلسىلا بولىدۇ.
ئەگەر كارخانا ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا تارماق دۇكان ئاچماقچى بولسا، يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش، ئاشخانا باشقۇرۇش تىجارىتى قاتارلىق كېيىنكى ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،بۇ ۋاقىتتا 43-تۈردىكى يېمەك-ئىچمەك ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغاندىن سىرت، يەنە 35-تۈردىكى ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت سودا باشقۇرۇش قاتارلىق تۈرلەرنى رويخەتكە ئالدۇرۇشى كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە سودا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەتنى ئەنگە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەتنى ئەنگە ئالدۇرغاندىن كېيىن، يېمەك - ئىچمەك ماركىلىرى سودىگەر چاقىرىپ ئىتتىپاقداش بولۇپ، زەنجىرسىمان تىجارەت كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تىجارەتنى قېلىپلاشتۇرىدۇ. شۇڭا 35 تۈرنى ئېنىق چۈشىنىش تەس ئەمەس. ئەگەر كاللىڭىزدىن ئۆتمىگەن مەسىلە بولسا، خالىغان ۋاقىتتا بىزگە سۆز قالدۇرۇپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش