رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى بىلەن كارخانا نامى توقۇنۇشقاندا

بىر كارخانا نامى بىلەن باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى ئوخشاش يېزىقنى ئۆز ئىچىگە ئالسا، مۇقەررەر ھالدا تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش شەكىللىنەمدۇ؟
يېقىندا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شېنجېن شەھىرى فۇتيەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش ۋە ناتوغرا رىقابەت ماجىراسىنى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇپ، دېلوغا چېتىشلىق كارخانىلارنىڭ تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش ۋە ناتوغرا رىقابەت شەكىللەندۈرمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلدى.
 سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە،  2017ـ يىلى ئەنخۇي A شىركىتى «لىن تاغا» دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن مەلۇم تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغان بولۇپ، ھوقۇق ئىگىسى بۇ دەل مۇشۇ شىركەت ئىكەن، A شىركىتىنىڭ «لىن تاغا» ماركىلىق پۆرە جۇۋاۋىسى ئىلگىرى «جىياڭخۇەي ئالاھىدە يېمەكلىكى» قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەن بولۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا بىر قەدەر يۇقىرى تونۇلۇش دەرىجىسىگە ئىگە ئىكەن.
لىن فامىلىلىك ئاتا ـ بالا شېنجېندا «لىن شۇچاۋشەن باغچىسى» يېمەك ـ ئىچمەك دۇكىنى ئاچدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان نامى ۋە تىجارەت سورۇنىدا «لىن تاغا» دېگەن خەت ئىشلىتىلگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى ئائىلە يېمەك ـ ئىچمەك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن، A شىركىتى لىن فامىلىلىكنى «لىن تاغا» ماركىسىنى ئسۈيئىستىمال قىلىش قەستەنلىكى بار دەپ قاراپ، تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى ـ تەرۇز قىلىش ۋە ناتوغرا رىقابەت قىلىشنى باھانە قىلىپ سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، لىن فامىلىلىكتىن ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى توختىتىشنى ھەمدە زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
 لىن فامىلىلىك ئۆزىنى ئاقلاپ، قوشنىلار مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن، دائىم باشقىلار تەرىپىدىن «لىن تاغا» دەپ چاقىرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 2013ـ يىلى دۇكان ئاچقاندىن بۇيان «لىن تاغا» دېگەن نامنى دۇكان نامى قىلىپ ئىشلەتكەن ھەمدە ھازىرغىچە ئىشلىتىپ كەلگەن. دۇكان ئالدىدىكى ئېلان تاختىسىغا ئىشلىتىلگەن يېزىق بىلەن A شىركىتىنىڭ «لىن تاغا» تاۋار ماركىسىنىڭ خەت شەكلى ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «چاۋشەن شادلىق باغچىسى» بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئايرىم گەۋدىلىك ئىشلىتىلمىگەن، تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى ـ تەرۇز قىلىش شەكىللەنمەيدۇ. لىن شۇ چاۋ شەن «شادلىق باغچىسى» ئاساسلىقى چاۋ شەن ئالاھىدە ئۇششاق يېمەكلىكلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، خېرىدارلار توپى ئاساسلىقى فۇتيەن رايونىدىكى مەلۇم سودا چەمبىرىكىدىكى چاۋ شەنلىكلەر بولۇپ، A شىركىتىنىڭ خېرىدارلار توپى بىلەن ئوخشىمايدۇ، ناتوغرا رىقابەت شەكىللەنمەيدۇ.
سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ مۇنداق دەپ قارىدى:بۇ دېلودا A شىركىتىدىكى «لىن تاغا» نىڭ خەنزۇچە خېتى ۋە ھەرپى لايىھىلەنگەن، ئەمما لىن فامىلىلىك ئاتا ـ بالا پەقەت «لىن تاغا» نىڭ ئادەتتىكى خەت نۇسخىسىنى بىر پۈتۈن يېزىق گۇرۇپپىسىدا ئىشلەتكەن، ئايرىم گەۋدىلىك ئىشلەتمىگەن، شەكىل جەھەتتىن A شىركىتىنىڭ تاۋار ماركىسى بىلەن ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە «لىن تاغا» كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپىنچە يېزىقنىڭ ئەسلى مەنىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ، مۇقەررەر ھالدا A شىركىتىنىڭ تاۋار ماركىسىغا قارىتىلغان ئەمەس، «لىن تاغا چاۋشەن شادلىق باغچىسى» تىجارەتچىلىرىنىڭ «لىن تاغا» نى ئىشلىتىشى قوشنىلىرىنىڭ ئاتىشىدىن كەلگەن بولۇپ، ئالاقىدار ئاممىنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. يېمەك - ئىچمەك تىجارىتى مۇئەييەن رايون خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، لىن XX ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ يېمەك - ئىچمەك تۈرىدىكى تىجارىتى ئەڭ بۇرۇن 2013 - يىلى باشلانغان، تىجارەت ئورنى ئاساسلىقى فۇتيەن رايونىدىكى مەلۇم سودا چەمبىرىكىگە جايلاشقان. ئەمما A شىركىتى ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسىنىڭ شېنجېندا مۇناسىپ تونۇلۇش دەرىجىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىدى، لىن فامىلىلىك ئاتا ـ بالىنىڭ دەۋا قىلىنغان ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلىش بەلگىسىنى ئىشلىتىشىدە A شىركىتىنىڭ سودا ئىناۋىتىگە ئېسىلىۋېلىش مەقسىتى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ـ ئىسپات يوق، ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئارىلىشىپ كەتكەن نەتىجە ياكى پاكىتنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان دەلىل ـ ئىسپات تېخىمۇ يوق.
شۇڭا، لىن فامىلىلىك ئاتا ـ بالا «لىن تاغا» يېزىقىنى ئىشلىتىشتە مۇۋاپىق ئاساسقا ئىگە، «شېنجېن شەھىرى فۇتيەن رايونى لىن تاغا چاۋشەن شادلىق باغچىسى دۇكىنى» قانۇن بويىچە رويخەتكە ئېلىنغان دۇكان، لىن فامىلىلىك دەۋا قىلىنغان ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلىش بەلگىسى «لىن تاغا چاۋشەن شادلىق باغچىسى» نى ئىشلىتىش ئۇنىڭ نامىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش بولۇپ، A شىركىتىنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى ـ تەرۇز قىلىشنى شەكىللەندۈرمەيدۇ.
ناتوغرا رىقابەت توغرىسىدا، لىن فامىلىلىك دەلىل ـ ئىسپات تاپشۇرۇپ ئۆزىنىڭ «لىن تاغا» يېزىقىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان ۋاقتىنىڭ A شىركىتىنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغان ۋاقتىدىن بالدۇر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك يېمەك ـ ئىچمەك تىجارىتى مۇئەييەن رايون خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، A شىركىتى ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسىنىڭ شېنجېندا مۇناسىپ تونۇلۇش دەرىجىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىدى، لىن فامىلىلىكنىڭ «لىن تاغا» يېزىقىنى ئىشلىتىشى ئىستېمالچىلارنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ ، شۇڭا لىن فامىلىلىكنىڭ قىلمىشى ناتوغرا رىقابەت شەكىللەندۈرمەيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ،فۇتيەن سوت مەھكىمىسى A شىركىتىنىڭ بارلىق دەۋا تەلىپىنى رەت قىلىش ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغان. بۇ ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولدى.
 دېلو بېجىرگۈچى سودىيە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:بۇ دېلو رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، تاۋار ماركىسىنىڭ روشەنلىكى ۋە تونۇلۇش دەرىجىسى جەھەتتە «لىن تاغا» دېگەن سۆزنىڭ ئىشلىتىلىشىگە توغرا ھۆكۈم قىلىپ، ئادەتتىكى ئاممىنىڭ «لىن تاغا چاۋشەن شادلىق باغچىسى» نى كۆرگەندە، ئۇنى تىجارەتچىلەرنىڭ شەخسىي ئالاھىدىلىكىنى تەسۋىرلەش دەپ چۈشىنىشى مۇمكىن، دېلوغا چېتىشلىق تاۋار ماركىسى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە ئورناتمايدۇ. ئاسانلا مۇناسىۋەتلىك ئاممىنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. بۇ دېلوغا ھۆكۈم چىقىرىلغاندىن كېيىن، بېجىرگۈچى سودىيە يەنە بىرلىكتە A شىركىتى ئەرز قىلغان شېنجېن شەھىرىدىكى «لىن تاغا» مەلۇم ئۇن دۇكىنى دېلوسى توغرىسىدا قانۇننى چۈشەندۈرۈپ قائىدە سۆزلىدى، A شىركىتى باشقا ئىككى دېلو ئۈستىدىكى ئەرزنى قايتۇرۇۋېلىپ، كىچىك ،مىكرو كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىدى.
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش