بارلىق خېرىدارلىرىمنىڭ، مىنى قوللغان،ماڭا ئىشەنگەن دوستلىرىمنىڭ تىنىگە سالامەتلىك تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك، سودا-تىجارەت، خىزمەت-كەسپىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

مەن نۇرئەلى، شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتىنىڭ مەسئۇلى.

مەن ماركا كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىلى 10 يىل بولدى. كەسىپ بىجىرىشتە مىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا قويىدىغىنىم ئۈنۈم ۋە سۈپەت، سەمىمىيلىك ۋە مەسئۇلىيەت. ھەرگىزمۇ باھانى چۈشۈرۈش بەدىلىگە سۈپەتنى تۆۋەنلىتىپ ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا زىيان سېلىشنى خالىمىدىم.ھەرقانداق ماركا ياكى باشقا كەسىپ بىجىرگۈچىلەرگە ساختا گەپ قىلىپ قىزىقتۇرمۇدۇم ، ھەممىسىگە ئوخشاش گەپ قىلدىم.  ھازىرغا قەدەر 6 مىڭدىن ئارتۇق ماركا تىزىملىتىش كەسپى، 2000غا يېقىن ماركا نامىنى يۆتكەش، ۋاقتىنى ئۇزارتىش، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، ئىناۋەتسىز قىلىش، قارشى پىكىر بېرىش قاتارلىق كەسىپلەرنى بىجىرىىپتىمەن.
مەن بۇ كەسىپنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن، ئەلۋەتتە بۇ كەسىپ ماڭا ئىقتىسادى ئۈنۈم يارىتىپ بېرىدۇ، شۇنداقلا خوشاللىق ئېلىپ كىلىدۇ، يەنى مەن بىجىرىپ بەرگەن ھەربىر كەسىپ ئوڭۇشلۇق بىجىرىلسە مەن خېرىدار ئۈچۈن خوش بولىمەن، نەتىجەمدىن پەخىرلىنىمەن.
سودا-تىجارەتنىڭ خاراكتىرى توپقا ئەرزان ئەكىلىپ پارچىغا قىممەترەك سېتىپ  باھا پەرقىدىن پايدا ئېلىش. بۇ ھەرگىزمۇ قارا نىيەتلىك ياكى جازانىخورلۇق ئەمەس. ماركا كەسىپلىرىدىمۇ دۆلەت ماركا ئىدارىسى ئالىدىغان ئورگان تەرەپ ھەققىدىن باشقا ۋاكالەتچىلىك ھەققىنى قۇشۇپ ئېلىش ئىنتايىن نۇرمال ئەھۋال. ئادەتتە ۋاكالەتچىلىك ھەققى 500 يۈەندىن 900 يۈەنگىچە بولىۋاتىدۇ. بۇ ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىنىڭ كەسپىي تەجرىبىسى،سېلىنما چىقىمى، كەسىپ سۈپىتى ۋە كەسىپتىن كىيىنكى كاپالىتى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
بىر قىسىم يېڭى ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرى خېرىدار جەلپ قىلىش ئۈچۈن پايدىدىن ۋاز كىچىپ باھانى قارىغۇلارچە تۆۋەنلىتىپ بازارنى قالايمىقانلاشتۇرىۋاتىدۇ. ھەتتا بىر تەخسە لەغمەننىڭ پۇلىغىلا ۋاكالەتچىلىك تەمىنلەۋاتىدۇ. ماركا ئىلتىما سقىلىش كەسپى قارىماققا ماتىرىيال تەييارلاپ ئىلتىماس يوللىسىلا بولىدىغاندەك ئاددىي كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر. بىردەمدىلا پۈتمەيدۇ. بىر ماركىنى ئىلتىماش قىلىش ئۈچۈن ھەربىر يېزىق ياكى بەلگىنى ئايرىپ تەكشۈرىمىز،بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى ماركىنى تەكشۈرۈش بەكلا مۇرەككەپ ھەم تەجرىبە ۋە سەۋىيە كىتىدۇ. بۇ جەريانلاردا بەك كۆپ زىھىن ۋە ۋاقىت ئىسراپ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا  نەچچە ئاي ھەتتا يىللاپ سېستىمىدا ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ئۇقتۇرۇش ماتىرىياللارنى ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىغا يەتكۈزۈش كىرەك. ماركا تەستىقلانغاندىن كىيىنمۇ شۇ ماركىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل ئۇقتۇرۇش ماتىرىياللار ماركا ۋاكالەتچىلىك سېستىمىسىغا كىلىپ تۇرىدۇ، بۇلارنى كەسپىي ئەخلاقى ياخشى بولغان ماركا ۋاكالەتچىسى چوقۇم دەل ۋاقتىدا ماركا ئىگىسىگە يەتكۈزۈشى كىرەك، بولمىسا ماركا ئىگىسى ماركىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۈمكىن.
دىمەك، يوقارقىدەك بىرمۇنچە جەريان ۋە ئىشلارغا مەسئۇل بولۇشقا پەقەت بىرەر تەخسە لەغمەننىڭ پۇلىغىلا مۇلازىمەت قىلسا، تۈزۈك پايدا بولمىغان شىركەت ئۇزۇن ۋاقىت ئۆز چىقىملىرىنى كۆتۈرۈپ ماڭالامدۇ؟ مۇشۇ بىرقىسىم ئەرزان باھا ۋاكالەتچىلىرى نىمىشقا كاللىسىنى ئىشلەتمەيدىغاندۇ؟ ھەم ئاشۇنداق ئەرزان باھاغا ئامراق خېرىدارلار بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى نىمىشقا ئويلىمايدىغاندۇ؟
دوۋيىندا بەزىلەر ئېقىم قوغلىشىپ، قەستەن سودا-تىجارەتلەرنىڭ ئىچكى مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ« بۇنىڭدىن كىيىن پۇلغا نان ئالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئۇننى سۇدا يۇغۇرۇپ قىزىق تامغا چاپلاپ بىردەم ساقلىسىڭىز مەززىلىك ناننى ھەقسىز يىيەلەيسىز...»،« ئەمدى پۇل خەجلەپ ئۆي سېتىۋالماڭ، يۇرتىمىزدا قۇم-تاش دىگەن چەكسىز، لاي يۇغۇرۇپلا سالالايسىز...» دىگەندەك ئاقماس فىلىملارنى كۆپ يوللاپ باشقىلارغا ياخشىچاق بولۇپ ئېقىم قىزىقتۇرغاندىن باشقا، نۇرمال تىجارەتچىلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ ياكى تۆھمەت چاپلاپ سودا تەرتىۋىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋاتىدۇ. بەك شەخسىيەتچى بولۇپ كەتمەي، كاللىنى ئىشلىتەيلى.
مەن ئەزەلدىن كەسىپداشلىرىمغا قارا چاپلاپ يامان گەپ قىپ باقمىدىم، بەزىدە ناچار قىلىقلارنى ئەيىپلەپ سۆزلىدىم، لىكىن بۇ ھەرگىزمۇ قارا چاپلاش ياكى باشقا مەقسەت بولماستىن مۇشۇ كەسىپتىكى بىرقىسىم پارازىتلارنى يوقۇتۇپ ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش ياكى خېرىدارلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئىدى. بۇنداق پارازىتلار ھىلىمۇ بار، ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا تېلېفون قىلىپ ماركىنى توڭلىتىپ قۇيۇپسىز، ئېچىۋەتمىسىڭىز ئەرىز قىلىمىز، يەنە باشقا تۈرنى ياكى نەشىر ھوقۇقىنى ئالمىسىڭىز ماركىنى ئىشلىتەلمەيسىز دەپ قاقتى سوقتى قىلغانلار بار، بۇنداق ئەرىزلەرنى كۆپ تاپشۇرۇپ ئالدىم، قارىسام بۇ ئالدامچى شىركەتلەر 2-3 يىلدا بىر قېتىم شىركەتنى ئۈچۈرۈپ يېڭى شىركەت قۇرىدىكەن، يەنە كەسپىنى بىلمەيدىغان كىچىك قىزلارنى ئىشلىتىپ تېلېفون قىلدۇرۇپ ئەھۋالنى ئۇقمايدىغان كىچىك تىجارەتچىلەرنى ئالداپ كەسىپ بىجىرگۈزىدىكەن. بۇنداقلارنىڭ سودىسى تېخى بەك ياخشى بولىدىكەن. لىكىن مەنمۇ مۇشۇنداق قىلىشنى بىلسەممۇ يۈرىكىم چىدىمايدۇ. پۇل تېپىش ئاسان ئەمەس، باشقىلارغا قارا ساناش ياخشى ئاقىۋەت كەلتۈرمەيدۇ.
مۇشۇ 10 يىلدا مىنى ئىزچىل قوللاپ، ئىچىل ماڭا ئىشىنىپ كەسىپ بىجىرگۈزگەن ، ئەتراپىدىكىلەرنى تۇنۇشتۇرۇپ كەسىپ بىجىرگۈزگەن نۇرغۇن خېرىدارلىرىم بار، مەن ئۇلارغا چەكسىز مىننەتدارلىقىمنى ۋە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
مەن ئەسكى ئادەم ئەمەس، قارا نىيەتمۇ ئەمەس، ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ۋە دائىرىدە نۇرمال كەسىپ بىجىرىۋاتقان ئادەم. ئەگەر پۇرسەت بولسا بۇ كەسىپنى داۋاملىق تەرەققى قىلدۇرۇپ، كەسىپتىكى پارازىتلارنى يوقۇتۇپ، باشقا كەسىپداشلار بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ زورر نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگۈم بار. باشقا كەسىپدارلار بىلەن ھەمكارلىشىپ كەسىپ دائىرىسىنى كىڭەيتكۈم بار.
پارتىيە - ھۆكۈمەتنىڭ مېنى تەربىيلىگىنىگە، تۈرلۈك ياخشى سىياسەتلەر بىلەن ماڭا مۇشۇنداق ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگىنىگە كۆپ رەھمەت. بارلىق خېرىدارلىرىمنىڭ، مىنى قوللغان،ماڭا ئىشەنگەن دوستلىرىمنىڭ تىنىگە سالامەتلىك تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك، سودا-تىجارەت، خىزمەت-كەسپىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
 
 

 
ھەمبەھىرلەش