تاۋار ياكى مۇلازىمەت تۈرلىرى جەدىۋىلىدىن سىرتقى تاۋار ياكى مۇلازىمەت ناملىرىنى يېڭىلىغانلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

ماركا ئىشلىرىنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش،ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، دۆلەت ماركا ئىدارىسى«ئوخشىشىپ كىتىدىغان تاۋار ۋە مۇلازىمەتلەرنى پەرقلەندۈرۈش جەدىۋىلى»دىن سىرتقى قۇبۇل قىلىشقا بولىدىغان تاۋار ۋە مۇلازىمەت ناملىرىنى ئېلان قىلدى. 
2020-يىلى 3- پەسىللىك قۇبۇل قىلىشقا بولىدىغان تاۋار ۋە مۇلازىمەت ناملىرى جۇڭگو ماركا تورىنىڭ ئىزدەش ستونى ۋە ماركا ئىدارىس توردا كەسپ بىجىرىش سېستىمىسىدا ئېلان قىلىندى. ئىلتىماس قىلغۇچىلار تور ئارقىلىق تەكشۈرسە ياكى تاللىسا بولىدۇ.
دۆلەت ماركا ئىدارىسى
2020-يىلى 7- ئاينىڭ 3- كۈنى 
شىنجاڭ قۇياش خەلقىئارا سودا شىركىتى  – ماركا تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى . خالىغانچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ . 
 
ھەمبەھىرلەش